باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سېلىنمىسى 16 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

2013.07.24 14:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئىگىلىشىچە، يانۋاردىن ئىيۇنغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قاتناش ساھەسىگە سېلىنغان تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 16 مىليارد 498 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %66.2 ئاشقان.

  ئىگىلىنىشىچە، 2013-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئورۇنلاشتۇرغان 330 نۇقتىلىق تۈر ئىچىدە قاتناش تۈرى 72 بولۇپ، بىر يىللىق ئومۇمىي تۈر سانىنىڭ %21.8 ىنى ئىگىلىگەن. بىر يىلدا قاتناش ساھەسىگە 62 مىليارد 476 مىليون يۈەن تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى سېلىش پىلانلانغان بولۇپ، ئىجتىمائىي تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ %10 ىنى ئىگىلەپ، 2012-يىللىق سېلىنمىدىن %25.4 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، تۆمۈر يول سېلىنمىسى 26 مىليارد 616 مىليون يۈەن، تاشيول سېلىنمىسى 35 مىليارد يۈەن، خەلق ئاۋىياتسىيەسى سېلىنمىسى 800 مىليون يۈەن، پوچتا سېلىنمىسى 60 مىليون يۈەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالدىن پىلانلاپ، تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يىللىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش، يېڭىدىن ئىش باشلانغان قاتناش تۈرى قۇرۇلۇشلىرىنى پائال ماسلاشتۇردى. تەرەپلەرنىڭ تىرىشىشى نەتىجىسىدە، بۇ يىللىق داۋالاشما قۇرۇلۇش، يېڭىدىن ئىش باشلانغان قاتناش تۈر قۇرۇلۇشلىرى ئوڭۇشلۇق ئىشلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە