باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىۋان: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئاللا پارتىيەسىنى تېررورچى تەشكىلاتلار ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈشى ئالدىراقسانلىق قىلغانلىق

2013.07.24 13:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋان قارانچى ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەنسۇر 22- ئىيۇل بىيرۇتتا سۆھبەت بايان قىلىپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ شۇ كۈنى ئاللا پارتىيەسى ھەربىي ئىشلار تەشكىلاتىنى تېررورچى تەشكىلاتلار ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلغانلىقى ناھايىتى ئالدىراقسانلىق قىلغانلىق دېدى.

  مەنسۇر مۇنداق دېدى: مەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بۇ قارارنى چىقارغاندىن كىيىن ئاللا پارتىيەسىنىڭ لىۋان ھۆكۈمىتىگە قاتنىشىشنى قوبۇل قىلىش قىلماسلىقىنى بىلمەيمەن، شۇنداقلا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىپ بولدى قىلىشنى ياكى كېيىن داۋاملىق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: لىۋان ھۆكۈمىتى ئالاقىدار ئىشلارنى ۋە ئىسپاتلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، ئاندىن بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

  لىۋان قارانچى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنسىتىرى مىكات مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: لىۋان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار ئەمەلىيەتلەرنى ۋە ئىسلاتلارنى يەنىمۇ ئەستايىدىل قاراپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: لىۋان دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق بۇ ئىشنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق دىققەت قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە