پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىي پائالىيىتى�
 
 

   مەركەزنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى يېقىندا تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى 1-تۈركۈمدە قانات يايدۇرىدىغان ئالاقە نۇقتىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئەھۋال ئىگىلىدى ۋە تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى باشلاشقا يېتەكچىلىك قىلدى. 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ خېبېي ئۆلكىسىگە بېرىپ تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشقا ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالاقە نۇقتىسىغا، يەنى لى كېچياڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىغا، جاڭ دېجياڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىگە، يۈ جېڭشېڭ گەنسۇ ئۆلكىسىگە، ليۇ يۈنشەن جېجياڭ ئۆلكىسىگە، ۋاڭ چىشەن خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىگە، جاڭ گاۋلى سىچۇەن ئۆلكىسىگە بېرىپ، تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن ئىگىلىدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شىبەيپونى زىيارەت قىلغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلدى                                   

 پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەن تەلىم-تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزى ئالاقىلاشقان خېبىي ئۆلكىسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە يىتەكچىلىك قىلدى. 11-ئىيۇل، شى جىنپىڭ شىجياجۇاڭنىڭ جېڭدىڭ ناھىيەسى تەكشۈرۈشتە بولغاندىن كېيىن ئىنقىلابىي مۇقەددەس جاي شىبەيپوغا بېرىپ، ناھىيە، يېزا-كەنت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەينى يىللىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىبەيپودىن ئايرىلغاندا، يولداش ماۋزېدۇڭ بېيجىڭغا بېرىپ ئىتىھان بېرىمىز دېگەن ئىدى. 60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، بىز زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، جۇڭگو خەلقى ئورنىدىن دەس تۇردى، بېيىدى، لېكىن بىز دۇچ كەلگەن خىرىس ۋە مەسىلىلەر ئاۋۋالقىدەكلا كەسكىن، مۇرەككەپ بولماقتا.

لى كېچياڭ: بوسۇغىسى داۋان، قاپىقى يامان، ئىشى بىراۋان بولۇش مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلايلى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 8-ئىيۇلدىن 10-ئىيۇلغىچە گۇاڭشىدا پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مەقسىتى ــــ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ قىبلىنەماسىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئۈچۈن ئىشلەش ماھىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىشتۇر. بىز ھېلىمۇ تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىۋاتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خېيىم-خەتەر ۋە خىرىسقىمۇ دۇچ كېلىۋاتىمىز،

 

  جاڭ دېجياڭ: خەلق ئاممىسىنى جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىلىرىدىن قىلايلى!

جياڭسۇ ئۆلكىسى جاڭ دېجياڭنىڭ تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىكى ئالاقە نۇقتىسى. 12-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە، ئۇ جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لو جىجۈن، ئۆلكە باشلىقى لى شۆيۇڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا، سۇچيەن، يەنچېڭ، تەيجوۋ، ياڭجوۋ، نەنجىڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كارخانا، يېزا، كوچا-مەھەللە، ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئامما بىلەن يۈز تۇرانە پىكر ئالماشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. جاڭ دېجياڭ چاڭديەن پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى، خۇاماۋ بىيو-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، ياڭزىجياڭ دورىگەرلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، سۇنىڭ يۈنشاڭ گۇرۇھى، جۇڭديەن شيۇڭماۋ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى قاتارلىق كارخانىلاردا ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشتى ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ «تۆت ئىستىل»گە قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرىنى ئاڭلىدى. 

يۈ جېڭشېڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، تىبەتلەر رايونىنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى                          

       7- ئىيۇلدىن 8-ئىيۇلغىچە، يۈ جېڭشېڭ گەننەن تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، يېزا-بازار، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىر ئاممىسى بىلەن تەرەققىيات، مۇقىملىق بۈيۈك پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يېقىندا گەنسۇ گەننەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ تىبەتلەر رايونىنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى تۈرلۈك سىياسى تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى چىڭ تۇتۇپ، كەڭ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا دالاي گۇرۇھىغا قارىتىلغان كۈرەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تىبەتلەر رايونىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك   

    ليۇ يۈنشەن: ئاممىنىڭ پىكرى بىزگە ئەينەكتۇر

ئونىنچى ئىيۇلدىن 12-ئىيۇلغىچە، ليۇ يۈنشەن پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي، لىشۈي، چۈچۇۋ، خاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردا بازار-كەنت، كارخانا ۋە مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماق ۋە ئورگانلارغا بېرىپ، پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن ئىگىلىدى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە كۆزنەك ئورۇنلارنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئامما سۆھبەت يىغىنى، ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار سۆھبەت يىغىنىنى ئايرىم-ئايرىم ئاچتى. لىشۈي شەھىرىنىڭ لىشەن كەنتىدە ئېچىلغان بازار-كەنت كادىرلىرى ۋە ئامما بىلەن بولغان سۆھبەت يىغىنىدا، كۆپچىلىك ئاكتىپلىق بىلەن پىكىر بايان قىلىپ، ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى سۆزلەپ، تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ليۇ يۈنشەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا كۆپچىلىك بىلەن ئەستايىدىل پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى، ئاممىنىڭ پىكرى بىزگە ئەينەكتۇر، ئاممىنىڭ ئۈمىدى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىزدۇر. 

 

ۋاڭ چىشەن خېيلۇڭجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، «تۆت ئىستىل» مەسىلىسىنى قەتئىي تۈزەپ، رەسىمىيەتچىلىككە قويماسلىقنى تەكىتلىدى

7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن خېيلۇڭجياڭغا بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى توغرىسىدىكى بىرقاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى مەركەز قىلىپ، ئەمەلىيەت بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «تۆت ئىستىل»نى قەتئىي تۈزەش لازىم. رەھبىرىي كادىرلار مەسىلىلەرنى باشلامچىلىق بىلەن بايقاپ، قاتلاممۇقاتلام بىسىم قىلىپ، رەسىمىيەتچىلىك قىلىشقا قەتئىي يول قويماي، تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ خېيلۇڭجياڭدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى) 

  جاڭ گاۋلى ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش-قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ئىلمىي، تەرتىپلىك، پۇختا، ياخشى ئىشلەشنى تەكىتلىدى

7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گۇۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى سىچۇەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيەت، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. 6-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، جاڭ گاۋلى سىچۇەن، خېنەن، خۇبېي، چۇڭچىڭ، گەنسۇ، چىڭخەيدىن ئىبارەت ئالتە ئۆلكە-بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان ئىقتىسادىي ۋەزىيەت سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. 7-چېسلا كەچتە يىغىن ئېچىپ، مەركەزنىڭ روھىنى ۋە باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى يەتكۈزدى، لۇشەندىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش-قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.

 

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
ئالاقىلىشىش نومۇرى:
010- 6536 8367

ئىلخەت ئادرېسى: Uyghur@people.cn