باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: بوسۇغىسى داۋان، قاپىقى يامان، ئىشى بىراۋان بولۇش مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلايلى

2013.07.19 17:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 8-ئىيۇلدىن 10-ئىيۇلغىچە گۇاڭشىدا پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مەقسىتى ــــ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ قىبلىنەماسىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئۈچۈن ئىشلەش ماھىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىشتۇر. بىز ھېلىمۇ تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىۋاتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خېيىم-خەتەر ۋە خىرىسقىمۇ دۇچ كېلىۋاتىمىز، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خېيىم-خەتەرنى يېڭىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا، خەلقنىڭ قوللىشىغا تايىنىشىمىز، خەلق بىلەن ھوزۇر-ھالاۋەتتىمۇ، جاپا-مۇشەققەتتىمۇ بىرگە بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىشمىز لازىم. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە