باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن: ئاممىنىڭ پىكرى بىزگە ئەينەكتۇر

2013.07.19 17:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 12-كۈنى چۈشتىن كېيىنگىچە، ليۇ يۈنشەن پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي، لىشۈي، چۈچۇۋ، خاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردا بازار-كەنت، كارخانا ۋە مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماق ۋە ئورگانلارغا بېرىپ، پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن ئىگىلىدى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە كۆزنەك ئورۇنلارنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئامما سۆھبەت يىغىنى، ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار سۆھبەت يىغىنىنى ئايرىم-ئايرىم ئاچتى.

  لىشۈي شەھىرىنىڭ لىشەن كەنتىدە ئېچىلغان بازار-كەنت كادىرلىرى ۋە ئامما بىلەن بولغان سۆھبەت يىغىنىدا، كۆپچىلىك ئاكتىپلىق بىلەن پىكىر بايان قىلىپ، ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى سۆزلەپ، تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ليۇ يۈنشەن ئەستايىدىل ئاڭلىدى، تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى، ئاممىنىڭ پىكرى بىزگە ئەينەكتۇر، ئاممىنىڭ ئۈمىدى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىزدۇر، ئوچۇق-ئاشكارا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، ئامما ئارىسىغا چۆكۈپ، ئامما پىكرىگە ئاساسەن پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئاممىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تۈزىتىپ، ئاممىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىمىز لازىم. ئۇ ھەر دەرىجىلىك جايلاردىن مۇلازىمەتچان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە