باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ: خەلق ئاممىسىنى جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىلىرىدىن قىلايلى!

2013.07.19 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جياڭسۇ ئۆلكىسى جاڭ دېجياڭنىڭ تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىكى ئالاقە نۇقتىسى. 12-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە، ئۇ جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لو جىجۈن، ئۆلكە باشلىقى لى شۆيۇڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا، سۇچيەن، يەنچېڭ، تەيجوۋ، ياڭجوۋ، نەنجىڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كارخانا، يېزا، كوچا-مەھەللە، ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئامما بىلەن يۈز تۇرانە پىكر ئالماشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. جاڭ دېجياڭ چاڭديەن پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى، خۇاماۋ بىيو-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، ياڭزىجياڭ دورىگەرلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، سۇنىڭ يۈنشاڭ گۇرۇھى، جۇڭديەن شيۇڭماۋ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى قاتارلىق كارخانىلاردا ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشتى ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ «تۆت ئىستىل»گە قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاۋام-خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ــــ ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ نىشانى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقىنى، تەشەببۇسكارلىقىنى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىلىرىگە ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە