باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شىنخۇا ئاگېنتلىقى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شىبەيپونى زىيارەت قىلغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلدى(1)

2013.07.15 09:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن «دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شبەيپونى يەنە زىيارەت قىلغانلىقى توغرىسىدا- پارتىيە دۇچ كەلگەن ‹سىناق› تېخى ئاخىرلاشمىدى» دېگەن تەپسىلىي خەۋەرنى ئېلان قىلدى.

  11-12-ئىيۇل، پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەن تەلىم-تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزى ئالاقىلاشقان خېبىي ئۆلكىسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە يىتەكچىلىك قىلدى.

  11-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شىجياجۇاڭنىڭ جېڭدىڭ ناھىيەسى تەكشۈرۈشتە بولغاندىن كېيىن ئىنقىلابىي مۇقەددەس جاي شىبەيپوغا يېتىپ بېرىپ، ناھىيە، يېزا-كەنت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەندە تەنتەنىلىك ھالدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەينى يىللىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىبەيپودىن ئايرىلغاندا، يولداش ماۋزېدۇڭ بېيجىڭغا بېرىپ ئىتىھان بېرىمىز دېگەن ئىدى. 60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، بىز زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، جۇڭگو خەلقى ئورنىدىن دەس تۇردى، بېيىدى، لېكىن بىز دۇچ كەلگەن خىرىس ۋە مەسىلىلەر ئاۋۋالقىدەكلا كەسكىن، مۇرەككەپ بولماقتا، پارتىيە دۇچ كەلگەن سىناق تېخى ئاخىرلاشمىدى، دەپ ئېيتالايمىز.

  شى جىنپىڭ 30 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا شىجياجۇاڭ شەھىرى جېڭدىڭ ناھىيەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقاندا شىبەيپوغا كەلگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن كۆپ قېتىم بۇ يەرگە كەلگەن ئىدى. بۇ ئۇنىڭ مەركەزدە خىزمەت قىلغاندىن بۇيان ئىككىنچى قېتىم كېلىشى.

  11-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتلەردە سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتقان بولۇپ، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن شىبەيپو خاتىرە سارىيىغا يېتىپ كەلدى. مەيداندىكى بەش سېكرېتارىنىڭ مىس ھەيكىلى ئالدىدا «يېڭى جۇڭگو مانا مۇشۇ يەردىن باشلانغان» دېگەن خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل