باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا مۇراسىم ئېچىش كەسىپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تالىشىپ خىزمەتكە قوبۇل قىلىۋاتىدۇ

2013.07.24 17:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: «بۇ يىل بىزنىڭ مۇراسىم ئېچىشنى پىلانلاش ۋە باشقۇرۇش كەسىپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىمىز 17 نەپەر بولۇپ، كۆپچىلىكىنى ئۈرۈمچىدىكى مۇراسىم ئېچىش شېركەتلىرى تالىشىپ ئېلىپ كەتتى ». ئۈرۈمچى كەسىپىي ئۇنىۋېرسىتىت ئاخبارات فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇناجىدىن مۇنۇر مۇخبىرغا بۇ مەكتەپتە 2007-يىلىدىن باشلاپلا مۇراسىم ئېچىش مەخسۇس كۇرس كەسىپىنى ئاچقانلىقىنى، 2008-يىلىدىن باشلاپ جەمئىيەتتىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغانلىقىنى، 2010-يىلى تۇنجى قارار ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن بۇيان، بۇ ئوقۇغۇچىلارنى باشقىلار دائىم تالىشىپ ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

  مۇناجىدىن مۇنۇر مۇخبىرغا، يېقىنقى ئىككى يىلدا مۇراسىم ئېچىش كەسىپىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنىڭ ئىھتىياجغا ئەگىشىپ تەدرىجىي كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، ئەڭ دەسلەپتە يىگىرمىگە توشمىغان بولسا، ھازىر ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 50 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار