باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جېجياڭلىق كاتتا باي جۇ شىڭلياڭ باشقا جايدىكى تەپتىش ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈشكە ھەمكارلىشىش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلدى

2013.07.24 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: سۇجوۋ جىنتاڭلاڭ قۇرۇلۇش بېزەكچىلىك پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى لىدىرىنىڭ كاتىپى لۇ چېڭيۈن خەلق تورى مالىيە-ئىقتىساد قانىلىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىركىتىمىزنىڭ باش لىدىرى جۇ شىڭلياڭ باشقا جايدىكى تەپتىش ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈشىگە ھەمكارلىشىش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلدى، نۆۋەتتە نېمە سەۋەپتىن تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ۋە قانچە ئۇزۇن تەكشۈرىلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

  ئاشكارا ماتېرىياللاردا كۆستىلىشىچە، جۇ شىڭلياڭ بۇ يىل 54 ياشتا بولۇپ، جياڭسۇنىڭ ۋۇشيەن ناھىيەسىدىن، ئۇ سۇجوۋ شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، جىنتاڭلاڭ قۇرۇلۇش بېزەكچىلىك پاي ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. 2006-يىلى پاي چېكى بازارغا سېلىغاندىن باشلاپ، جىنتاڭلاڭ دۆلىتىمىزدىكى قۇرۇلۇش بېزەكچىلىكى ساھەسى بويىچە پاي چېكى بازارغا سېلىنغان تۇنجى شىركەتكە ئايلىنىپ، نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچى ئاپپاراتلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان، شىركەتنىڭ ئالدىنقى ئون چوڭ ئوبوروت پايچىك ئورنىنى ئاساسەن فوند، سۇغۇرتا قاتارلىق ئاپپاراتلار ئىگىلىگەن. بۇ يىل 7-ئايدا، ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ما يۈن بىلەن جۈجۇڭ تاراتقۇ-ئېلانچىلىق شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋۇ فېڭ قۇرغان يۈنفېڭ فوندىمۇ جىنتاڭلاڭغا پاي قوشقان. (لى تۇڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە