باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى»ئەھۋالى قانداق(1)

2013.07.24 13:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18-ئىيۇلدىن باشلاپ، مەركەز تارماقلىرى 2012-يىللىق ئورگانلارنىڭ نەق چوتىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى» جەمئىيەت ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تېما بولدى. مەركەزنىڭ تېجەش ئىستىلىنىڭ تەسىرىدە، كۆپ ساندىكى تارماقلارنىڭ بۇ يىللىق «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى» نەق چوتىنىڭ خام چوتتىكىدىن ئازىيىش نىسبىتى بۇلتۇرقىدىن ئاشتى. بىراق مۇتەخەسىسلەر، نەق چوتنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك دېدى. 2012-يىللىق مەركەزنىڭ نەقچوت دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2012-يىللىق مەركەزدىكى مەمۇرىي كەسپىي ئورۇنلارنىڭ «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى» جەمئىي 7مىليارد 425مىليون يۈەن بولۇپ، خام چوتتىكىدىن 559 مىليون يۈەن ئازايغان، بۇنىڭ ئىچىدە خىزمەت بىلەن چەتئەلگە چىقىش خىراجىتى 1 مىليارد 945مىليون يۈەن بولۇپ، 200 مىليون يۈەن ئازايغان. ماشىنا سېتىۋىلىش ۋە ئىشلىتىش ھەققى4 مىليارد 67 مىليون يۈەن بولۇپ، 281 مىليون يۈەن ئازايغان. ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش ھەققى 1 مىليارد 413 مىليون يۈەن بولۇپ، 78 مىليون يۈەن ئازايغان. 2012-يىلدىكى نەقچوت خامچوتتىن كۆپ ئازايغان بولۇپ، تارماقلار مەركەزنىڭ ئالاقىدار تېجەشلىك بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن، «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى» نى زور كۈچ بىلەن ئازايتقان. «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى» 2011-يىلىدىكى 9 مىليارد 364 مىليون يۈەندىن 1 مىليارد 939 مىليون يۈەن ئازايغان.

  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مالىيە ئىقتىساد قانۇن تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ جيەنۋېن مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى» نى ئاشكارىلاش-نەقچوتنى، خامچوتنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن ئاساس سېلىپلا قالماي، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارا بولۇشىنىمۇ تېزلەتتى. ھۆكۈمەت تېجەشلىك بولۇشنى تەكىتلەۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ھەر دەرىجىلىك تارماقلار «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى» نى پائال ئازايتىپ، پاك دىيانەتلىك ھۆكۈمەت قۇرۇشقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى. مالىيە مىنىستىرلىقى مالىيە ئىلمى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ شاڭشى مۇنداق دېدى:ئىلگىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى»نىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسى ئاشتى. بىراق ئىنچىكىلەشتۈرۈش دەرىجىنى ئاشكارىلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ھۆكۈمەت باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفىسور يەن جىرۇڭ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى» نىڭ ئاشكارە بولۇشى يەنىمۇ ئىنچىكىلىشىشى كېرەك. ئاشكارە بولۇش دەرىجىسى نەتىجىسىنىڭ ئاشكارە بولۇشى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئۇچۇر ماتېرىياللارمۇ ئاشكارە بولۇپ، خەلقنى قارار چىقىرىشقا قاتناشتۇرۇپ، مۇۋاپىق باھانى بىرلىكتە بېكىتىپ، خەلقنىڭ ھاكىمىيەتكە قاتنىشىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ھەقىقىي ئىجرا قىلدۇرۇش كېرەك.

  18-ئىيۇل مەركەز 2012-يىللىق نەق چوتى ۋە «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى» نەق چوتىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاندى. بۇ يىل مەركەز ئورگانلىرىنىڭ نەق چوتنى ئاشكارىلىغان 3-يىلى. ئۆتكەن يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاشكارىلانغان مەزمۇنلاردا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟«ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى»ئەھۋالى قانداق؟ مالىيە مىنىستىرلىقى مالىيە پەنلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەي جىڭمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەركەز ئورگانلىرى ئاشكارە بولۇش ئەندىزىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئاشكارىلاش ۋاقتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئاساسىدا، ئاشكارىلانغان مەزمۇنلارنى داۋاملىق تەپسىلىيلەشتۈردى. يەنىمۇ ئاشكارىلىدى، ئاشكارە بولۇشنى كۈنسېرى قېلىپلاشتۇرۇپ، تۈزۈملەشتۈردى». ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەركەزنىڭ نەقچوتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن، مالىيە مىنىستىرلىقى 20 كۈندە مەركەز ئورگانلىرىنىڭ نەقچوتىغا تەستىق سالىدۇ، بۇ يىل مەركەز تارماقلىرى تەستىق جاۋاب قايتۇرغاندىن كېيىن، دەرھال جەمئىيەتكە ئاشكارىلىدى. بۇ ۋاقىت ئۆتكەن يىلدىن بىر كۈن بۇرۇن بولدى. بەي جىڭمىڭ مۇنداق دېدى:بۇ يىل مەركەز ئورگانلىرىنىڭ نەقچوتى تېخىمۇ ئەتراپلىق، ئېنىق، چۈشىنىشلىق. ئاشكارىلانغان مەزمۇنلار:ئورگاننىڭ نەقچوتى، «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى» ۋە مەمۇرىي خىراجەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تارماقلارنىڭ نەقچوت، مەلۇمات جەدۋىلى ۋە يازما ئىزاھاتىدىن ئىبارەت 2 قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تارماقلارنىڭ نەقچوتى ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى ۋە مەمۇرىي خىراجەت چىقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئەمما سانلىق مەلۇماتلار ھەرقايسى تۈرلەرگە تارقالغان. گوۋۇيۈەننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاممىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، تارماقلار بۇ ئىككى چىقىمنى ئايرىم ئايرىم جەملەپ، جەمئىيەتكە مەخسۇس ئاشكارىلىدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە