باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى يازلىق يولۇچى توشۇشنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يۇقىرى پەللىسىگە يۈزلىنىدۇ

2013.07.24 17:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇخبىر ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئېگىلىشىچە، يازلىق يولۇچى توشۇش ئىككىنچى قېتىملىق يۇقىرى پەللىسى مەزگىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولۇپ، ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى بۇنىڭغا ئاكتىپلىق بىلەن يۈزلىنىدىكەن.

  ئېگىلىنىشىچە، ئىككىنچى قېتىملىق يولۇچى توشۇش يۇقىرى پەللىسى ئاساسلىقى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، ۋۇخەن، شىئەن، جىنەن، چىڭدۇ، غۇلجا قاتارلىق يۆنىلىشلەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئاساسلىقى ساياھەتچى، سودىگەر، مەدىكار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىكەن. ئىككىنچى قېتىملىق توشۇش يۇقىرى پەللىسى مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلار توردىن بېلەت سېتىۋېلىش، تېلېفوندا بېلەت زاكاز قىلىشتەك ئۇسۇللار ئارقىلىق 30 كۈن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلار بېلىتى سېتىۋالسا بولىدىكەن، ئوقۇغۇچىلار بېلىتىنىڭ توردا بېلەت سېتىش، تېلېفوندا بېلەت زاكاز قىلىشنى باشلاش ۋاقتى، بېلەت ئېلىۋېلىشنى توختىتىش ۋاقتى ئادەتتىكى پويىز بېلىتىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدىكەن. 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ، تولۇقسىز سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەكتىپىگە قايتىدۇ، ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس پويىزىنىڭ توشۇش خىزمىتىنىڭ ياخشى ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن پويىز ئىستانسىسى مەخسۇس«يېشىل يول» ئېچىش ۋە مەخسۇس كۈتۈش رايونى تەسىس قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈتۈش زالىغا رەتلىك كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەخسۇس خادىم ئاجرىتىش، ئوقۇغۇچىلار ئاۋۋال«بېلەت ئېلىش، كۈتۈش،پويىزغا چىقىش» بويىچە كۆيۈمچانلىق مۇلازىمىتى قىلىدىكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا 7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە بولغان يازلىق يولۇچى توشۇش بىرىنچى يۇقىرى پەللىسى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى ۋاقىتلىق 16يۈرۈش پويىز كۆپەيتىپ، 470 مىڭ يولۇچى توشۇغان، ئۇنىڭ ئىچىدە بىراقلا يىتىپ بارىدىغان يولۇچى سانى 224 مىڭ ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي توشۇش مىقدارىنىڭ %48 نى ئىگىلىگەن، ئارىلىقتا چۈشىدىغان يولۇچىلارنىڭ سانى 246 مىڭ ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي توشۇش مىقدارىنىڭ %52 نى ئىگىلىگەن.

  مۇخبىر: ئابدۇراھمان روزى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار