خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-ئىيۇل ياپونىيە توكيودىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى باش شتابىدا ياپونىيە باش ۋەزىرى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ باش لىدىرى ئابې شىنزو سۆز قىلدى.
ئابې شىنزو ھۆكۈمىتىدە ئازايمايۋاتقان ئوڭچىلىشىش ئىچىدە ياپونىيە كېڭەش پالاتا سايلىمى ئاخىرلاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن «بۇرالغان پارلامېنت» بولمايدۇ، ئابې شىنزونىڭ باش ۋەزىرلىك ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدىغاندەك قىلىدۇ. بىراق ئابې شىنزو ھۆكۈمىتىنىڭ خوشاللىقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، «ئابې ئىقتىساد ئىلمى»غا ئۈمىد باغلىغان ياپونىيە خەلقى بولسۇن ۋە ياكى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە كۆز تىكىپ تۇرغان خەلقئارا جەمىيەت بولسۇن، ئەنسىرەش كەيپىياتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.
مەنبە: خەلق تورى