24-ئىيۇل جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى كورىيە كوماندىسى بىلەن 0:0 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالدى، ھەمدە مەيداندا ئانچە سەتلەشمىدى. كورىيە كوماندىسى ئۆز ئىشىكى ئالدىدا ئۇدا ئىككى قېتىم غەلبە قىلالمىدى. بۇ نەتىجە كورىيە توپ مەستانىلىرىنى تولىمۇ ئۈمىتسىزلەندۈرگەن بولسىمۇ، بىراق كورىيە تاراتقۇلىرى مۇسابىقىدىن كېيىن كورىيە كوماندىسىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپمۇ 3 نومۇر ئالالمىغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىشتىن باشقا، يەنە ئوخشىمىغان قاراشلارمۇ بولدى. «چاۋشيەن تەنتەربىيەسى» مۇنداق قارىدى: كورىيە كوماندىسى جان تىكىپ، ياۋايى «شاۋلىن پۇتبول كوماندىسى»غا تاقابىل تۇرالىدى، بۇنىمۇ بىر خىل غەلبە دەپ قاراشقا بولىدۇ.