باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تاجىكىستاننىڭ ئىقتىساد–سودا ھەمكارلىقى ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى

2013.07.18 14:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو – تاجىكىستان ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىق كومىتېتى جۇڭگو شىنجاڭ – تاجىكىستان شۆبە كومىتېتى (تۆۋەندە شۆبە كومىتېت دېيىلدى)نىڭ 3 – قېتىملىق يىغىنى 16 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلدى. ئىككى تەرەپ: شۆبە كومىتېت مېخانىزمىدا ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى، تىرانسپورت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقى ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، دەپ قارىدى.

  بۇ قېتىمقى يىغىندا 2 – قېتىملىق يىغىندا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشنىڭ ئىجرا ئەھۋالى، ئىككى تەرەپنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ساھەسى، يېزا ئىگىلىك ساھەسىگە ياردەم بېرىش، پورت قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ساھەسىدىكى ھەمكارلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى بۆسۈشلەر ئەسلەپ ئۆتۈلدى. 2013 – يىلى 6 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تاجىكىستانغا مەبلەغ سالىدىغان كارخانىسى جەمئىي 21 گە، جۇڭگونىڭ كېلىشىمدىكى ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى 192 مىليون دوللارغا يەتتى. 2013 – يىلى 6 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تاجىكىستاننىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوت مىقدارى 445 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

  ئىككى تەرەپ 3 – قېتىملىق يىغىندا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، شۇنداقلا سانائەت، قاتناش، داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقورغان ناھىيەسىدە جۇڭگو – تاجىكىستان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش مۇمكىنچىلىكى، ئىككى تەرەپ قوشنا رايونلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسى كۆلىمىنى كېڭەيتىش، جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىكى ئەمەلىي كۈچى بار كارخانىلارنى تاجىكىستان تەۋەلىكىدىكى ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە يېڭى قۇرۇلىدىغان تۈرلەرگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش قاتارلىقلارنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا كېڭەشتى. شۆبە كومىتېتنىڭ جۇڭگو تەرەپ رەئىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭ ۋە شۆبە كومىتېتنىڭ تاجىكىستان تەرەپ رەئىسى، تاجىكىستان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى نەزرىيېۋ ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرىنى باشلاپ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە