باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپىنڭ يىل چېكىنى ئۇزارتىش شەرت-شارائىتى تېخى پىشىپ يېتىلمىدى

2013.07.22 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا جەمئىيەتتە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يىل چېكىنى ئۇزارتىش ھەققىدە مۇنازىرە كۆتۈرۈلگەنىدى، 20-چېسلا مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يىل چېكىنى ئۇزارتىشنى تېخى ئويلاشمىدى، قىسمەن رايونلاردا ئۇزارتىش پىلانىمۇ يوق.

  بۇ مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ «مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى» ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەجبۇرىيەت مائارىپى تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىما تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپە ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشتى، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار ھەقىقىي مەنىدىكى ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن بەھرىمەن بولدى. لېكىن، دۆلىتىمىزدە مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋاقتى قىسقا، ئاساسى يەنىلا نىسبەتەن ئاجىز، رايونلار ئارا، شەھەر-يېزىلار ئارا، مەكتەپلەر ئارا پەرق يەنىلا بىر قەدەر روشەن. دۆلىتىمىز نوپۇسى كۆپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولغاچقا، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى يەنىلا چەكلىك، قىلىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ، شۇڭا ھازىرقى باسقۇچتا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يىل چېكىنى ئۇزارتىش شارائىتى تېخى ھازىرلانمىدى. شۇڭا، «دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى يىرىك پىلان پىروگراممىسى (2010 ~ 2020)»دە: 2020-يىلىغىچە، دۆلىتىمىز مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئومۇملاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى پۇختىلاش، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تەڭكەش تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەنلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلغان ئاساستا چىقىرىلغان مۇھىم قارار بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئىدىيە لۇشيەنىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.(جاڭ شو خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار