باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

كورىيە چەتئەلدە ئوقۇش ۋىزىسىنى ئۇزارتىش كاپالەت سوممىسىنى ئۆرلىتىۋەتتى

2013.07.23 14:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورىيە ئاسىيا ئىقتىساد خەنزۇچە تور بېكىتىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، كورىيە چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە « 1-ئىيۇلدىن باشلاپ، D-4،D-2چەت ئەلدە ئوقۇش ۋىزىسىنى ئۇزارتىش كاپالەت سوممىسىنى ئەسلىدىكى 3 مىليون كورىيە پۇلىدىن 13مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆرلىتىۋەتتى» (كورىيە پۇلىغا سۇندۇرسا تەخمىنەن 14 مىليون كورىيە پۇلى بولىدۇ ).

  تاپشۇرۇپ بولغان ئوقۇش پۇلىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، يەنى ئامانەت قويغان پۇل بىلەن ئوقۇش پۇلىنى قوشقاندا 14 مىليون كورىيە پۇلى بولغان. بۇنىڭدىن باشقا ئامانەت قويغان پۇلنىڭ كونكرېت ۋاقىت چەكلىمىسى يوق، ھەتتا 24 سائەتلىك توڭلىتىش ئىسپاتى بېجىرىشىمۇ ھاجەتسىز، ۋىزا ۋاقتىنى ئۇزارتقاندا پەقەت بانكا پۇل ئامانەت كىنىشكىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بىلەن كۆپەيتىلمە نۇسخىسى بولسىلا كۇپايە قىلىدىكەن.

  يېقىندا، نۇرغۇنلىغان جۇڭگولۇقلار كورىيەگە بېرىپ ئوقۇشنى تاللىغان، لېكىن كورىيەگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇقلاردا قارا ئىشچى بۇلۇپ ئىشلەۋاتقان ئەھۋاللار دائىم كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىكەن، ئالاقىدار ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كورىيە ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويغان، ۋىزىنى ئۇزارتىش كاپالەت سوممىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش يولغا قويغان تەدبىرنىڭ بىر تۈرى بولغان.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى بولسا ئەگەر ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئوتتۇرىچە نەتىجىسى cدىن يۇقىرى بولسا، ھەم ياخشىراق مەكتەپتە ئوقۇسا، كاپالەت سوممىسىنى ئەھۋالىغا قاراپ ئازايتىدىكەن، لىكىن كونكرېت سوممىسىنى كورىيە چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى قارار قىلىدىكەن.

  يەنە بىر تەرەپتىن، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ۋىزىسىنى ئۇزارتىش باشقا تەييارلىق ماتىرياللىرى كەڭ كۆلەمدە ئۆزگەرمىگەن، لىكىن رەسمىيەت ھەققى ئەسلىدىكى 30 مىڭ كورىيە پۇلىدىن 20 مىڭغا تۆۋەنلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە