باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ

2013.07.12 09:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ باشلانغىنىغا بىر ھەپتە بولدى. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مەسلىھەت بېرىش تېلېفونىمۇ كۈندىن – كۈنگە ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن 9 – ئىيۇل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئالدىنقى سېپىدىكىلەردىن ھال سورىدى ھەم ئوقۇغۇچىلار، ئاتا – ئانىلارغا ئەستايىدىل مەسلىھەت بېرىشىنى ئالاھىدە تەلەپ قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى مەسلىھەت بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ خادىمى پامىر مۇنداق دېدى: 0 – تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تاماملاندى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلانغاندىن كېيىن مەسلىھەت سوراپ تېلېفون بېرىدىغانلار كۆپەيدى، تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلانسا مەسلىھەت سورايدىغانلار تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، بىز ئاساسلىقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار سىياسەتلەر توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىمىز. بۇلتۇر گۇرۇپپىمىز 32 مىڭ قېتىم مەسلىھەت سوراپ ئۇرۇلغان تېلېفوننى قوبۇل قىلغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىمچە، بۇ يىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە 94 خادىم قاتناشقان، خادىملار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئېلىمىز ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى پىششىق ئۆگەنگەن ۋە ۋەزىپىگە چېتىشلىق جىنايەتلەردىن ساقلىنىش توغرىسىدىكى مەخسۇس لېكسىيەنى ئاڭلىغان. (ئەكبەر ئىسمائىل خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە