باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

ئىراقتىكى 92 ياشلىق بوۋاي 22ياشلىق قىزنى ئەمرىگە ئالدى

2013.07.16 10:48        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ شىمالىدىكى مەلۇم يېزىسىدا 92 ياشلىق دېھقان ئۆزىدىن 70 ياش كىچىك قىزنى ئەمرىگە ئالغان، ئۇندىن باشقا يەنە بوۋاينىڭ ئىككى نەۋرىسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بىر كۈندە توي قىلغان.

  ئۈچ يىل ئىلگىرى مۇجامىي ئىسىملىك بۇ بوۋاي 58 يىل ئۆي تۇتقان قەدىناسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، ئۇ ئۈچ يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىدىن 70 ياش كىچىك بولغان 22 ياشلىق قىزغا قايتا ئۆيلەنگەن. ناھايىتى ياش قىزنى ئەمرىگە ئالغان مۇجامىي توي مۇراسىمىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ نەۋرىلىرى بىلەن توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزەلىگەنلىكىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولغانلىقى، ئۆزىنى خۇددى 20 ياش ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

  مۇجامىينىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئايالىدىن 16 پەرزەنتى بار بولۇپ، ئۇ 4-ئىيۇل ئۆزىنىڭ 16 ھەم 17 ياشتىكى ئىككى نەۋرىسى بىلەن بىر كۈندە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. مۇجامىي ئىككى نەۋرىسىنىڭ ئۆزى بىلەن بىر كۈندە تويىنى قىلىشىنى خېلى ساقلىغانلىقى توينىڭ ناھايىتى قىزىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تويغا شۇ يەردىكى قەبىلە ھەم دىنىي رەھبەرلەر قاتناشقان بولۇپ، مۇراسىمدا ناخشا-ئۇسسۇل قىزىپ، كۆككە ئوق ئېتىپ بوۋا-نەۋرە توي مۇراسىمىنى تەبرىكلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە