ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 9-ئىيۇل بىر گۇرۇپپا « قانلىق» سۈرەتلەرنى باستى، سۈرەتلەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگىنى ھىندىستان كوچىلىرىدا كەڭ تارقالغان قەدىمىي « قان چىقىرىپ داۋالاش» ئۇسۇلى ئىدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، ھەر كۈنى نەچچە يۈز ئادەم دېھلىدىكى بىر ئۈستى ئوچۇق شىپاخانىغا بېرىپ ئاتالمىش « قان چىقىرىپ داۋالاش» نى قىلدۇرىدىكەن. ئېيتىلىشىچە، بۇ خىل «قان چىقىرىپ داۋالاش» ئۇسۇلى بوغۇم ياللۇغى، دەسلەپكى مەزگىلدىكى قان راكى (ئاق قان كېسىلى) قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكنى ساقايتالايدىكەن.
دېھلىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتنىڭ سىرتىدىكى بۇ ئۈستى ئوچۇق شىپاخانىنىڭ ئىگىسى بۇ يىل 79 ياشقا كىرگەن ھاكىم بوۋاي بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ خىل «قان چىقىرىپ داۋالاش» ئۇسۇلى يۈرەك كېسەللىكى، بوغۇم ياللۇغى، ھەتتا دەسلەپكى مەزگىلدىكى قان راكى قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللەرنى ساقايتالايدىكەن. ھاكىم بوۋاي بىمارلاردىن پۇل ئالمايدىكەن، چۈنكى ئۇلار تېنىنى نۇرغۇن كېسەل چىرمىۋالغان نامراتلار ئىكەن.