باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توردا «مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى» دوكلاتى ئېلان قىلىندى

2013.07.29 10:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، توردا «مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى» دوكلاتى ئېلان قىلىندى، نەتىجىدە جياڭشى، خۇنەن، ئىچكى موڭغۇلنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى مەملىكەتنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئورۇنىدا. جىلىن 6-ئورۇندا، بېيجىڭ 23-ئورۇندا، شاڭخەي ئەڭ ئاخىرقى ئورۇندا تۇرغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى 10نىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان ئۆلكىلەر ئايرىم ئايرىم ھالدا:جياڭشى، خۇنەن، ئىچكى موڭغۇل، خېنەن، شەندۇڭ، جىلىن، خېبېي، فۇجيەن، خەينەن ۋە ئەنخۇيكەن.

  بۇ قېتىمقى دوكلات مۇرەككەپ فورمىلا بىلەن ھېسابلاپ چىقىلدى. بۇنىڭغا ھېچقانداق سۇبىكتىپ ھېسىيات ئارىلاشمىدى. بىراق ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ مۇتەخەسىسى مۇنداق دېدى:بەخت كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېنىق ئۆلچىمى يوق، چۈنكى ھەربىر رايوننىڭ بەختكە بولغان چۈشەنچىسى ۋە تەلىپى ئوخشىمايدۇ. زىيارەتتە نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى بەخت تۇيغۇسى كىرىم تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل