باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جيېياڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جېڭ سۇڭبياۋ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى ۋە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

2013.07.24 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ج ك پ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى جيېياڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جېڭ سۇڭبياۋنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جېڭ سۇڭبياۋ جيېياڭ شەھىرىدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا نەپ بېرىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ زور سوممىدا پارا ئالغانلىقى ئىسپاتلانغان.

  جېڭ سۇڭبياۋنىڭ يۇقىرىقى قىلمىشى ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ۋە جىنايەت شەكىللەندۈرگەن. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام چارىسى نىزامى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرلار قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشى ھەم گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جېڭ سۇڭبياۋغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىش؛ ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتىنى قايتۇرۇۋېلىش؛ جىنايەتكە چېتىلىش مەسىلىسىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىنغان. (ساۋ شاۋنيەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە