باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىلىپپىندىكى جۇڭگوغا قارشى خەلقئارالىق نامايىش باشلاندى، تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ئاددىي ئەمەس

2013.07.24 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پۇرسەت ئىزدىگىلى ئۇزۇن بولغان فىلىپپىندىكى جۇڭگوغا قارشى خەلقئارالىق نامايىش بۈگۈن باشلاندى، تەشكىللىگۈچىلەر: پائالىيىتىمىزنىڭ مەقسىتى جۇڭگونىڭ ئارال تالاش-تارتىشىدا فىلىپپىننى «بوزەك قىلغانلىقى»غا ئېتىزار بىلدۈرۈش، دېدى. فىلىپپىندا تېخى قۇرۇلغىلى ئۇزۇن بولمىغان «غەربىي فىلىپپىن دېڭىزى (يەنى نەنخەي دېڭىزى) ئىتتىپاقى» نامايىش ئۈچۈن 5000 ئادەم توپلىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئىتتىپاقنىڭ تەشەببۇسچىلىرى سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى قاتارلىق مۇھىم شەخسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  23-چېسلا، «يەرشارى گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى مانىلا كوچىلىرىدا بىرنەچچە فىلىپپىنلىكنى زىيارەت قىلدى. يۈسۈف ئىسىملىك بىر ئۆي-زېمىن سودىگىرى خىزمىتىنىڭ بەكلا ئالدىراش ئىكەنلىكىنى، نامايىشقا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خەلقئارالىق نامايىش فىلىپپىنلىقلارنىڭ ئۇيۇشقانلىقىنى نامايان قىلىدىكەن. يەنە بىر مەھەللە قوغدىغۇچىسى مۇخبىرغا: مەن قانداقتۇر جۇڭگوغا قارشى نامايىش دېگەننى ئاڭلىمىدىم، ھەم بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپمۇ كەتمەيمەن، لېكىن، مېنىڭچە نامايىش فىلىپپىن-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زىيان سالالمايدۇ، دېدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە