باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس 2-تۈركۈم كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلاندى، 374 مەكتەپ شىنجاڭدىن ئېلىشنى پىلانلىغان ئوقۇغۇچى 26مىڭ 200 دىن ئاشتى

2013.07.24 17:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 22- كۈنى، سەھەر، تولۇق كۇرس ئىككىنچى تۈركۈم خەنزۇچە، مىللىيچە، موڭغۇلچە ۋە قوش تىللىق سىنىپ بىرىنچى ئارزۇغا ئارخىپ ئەۋەتىشكە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ ئاياغلىشىشىغا ئەگىشىپلا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2013-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر تولۇق كۇرس ئىككىنچى تۈركۈم كەسىپلىرىگە قوبۇل قىلىش خىزمىتى شۇ كۈنىلا رەسمىي باشلاندى.

  21-ئىيۇل سائەت 20گىچە، تولۇق كۇرس بىرىنچى تۈركۈم كەسىپلىرىگە جەمئىي 20مىڭ 500دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان ، بۇنىڭغا نۆلىنچى تۈركۈم، نامرات رايونلاردىن مەخسۇس قوبۇل قىلىش پىلانى تولۇق كۇرس تۈركۈمىگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى قوشقاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2013-يىللىق تاماملانغان تۈركۈملەرگە جەمئىي 27مىڭ 600 دىن كۆپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۈن خۇڭشىنمۇ ئوقۇغۇچىلارنى كېيىنكى مەزگىللىك ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ۋاقتىغا دىققەت قىلىش، ئارزۇ جەدىۋىلى يىغىۋېلىش پىلانىنىڭ ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىندا بەزى ئائىلە باشلىقلىرى جەمئىيەتتە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھەرخىل نىقابلىنىۋېلىپ، قانۇنسىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاستىچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمىسۇن.

  مۇخبىر: شېن زۇشياۋ

  لى شۈەن

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار