باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراقتىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي ئارقا كۆرۈنىشى

2013.07.24 13:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىيۇل ئېيى كىرگەندىن بۇيان ئىراقتا كۆپ قېتىم زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، ھازىرغا قەدەر نەچچە يۈز ئادەم ئۆلدى. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىراقتىكى سىياسىي پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى كەمسىتىشلەر بىلەن دىنىي زىددىيەتلەر بۇ زوراۋانلىق پائالىيىتىنىڭ داۋاملىشىشىدىكى مۇھىم ئامىل ئىكەن.

  ئىيۇل ئېيى كىرگەندىن بۇيان، ئىراقتا كۈندە دېگۈدەك تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ تۇردى. 21-ئىيۇلغا قەدەر، 520 دىن ئارتۇق ئادەم تۈرلۈك ھۇجۇملاردا قازا قىلىپ كەتتى، بۇنداق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ئىراقنىڭ ھەممە يېرىدە يۈز بەرمەكتە. باغدادتىن باشقا، بەسرە، فاللۇجا، تىكرىت، كەربالا قاتارلىق شەھەرلەردە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ئۇدا يۈز بەردى. بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىراق ھازىر 2008 – يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر زوراۋانلىق پائالىيىتىگە دۇچ كېلىۋېتىپتۇ.

  شۇ جاي ۋاقتى 20-ئىيۇل كەچتە، ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا بىر يۈرۈش ماشىنا بومبا پارتلىتىش ۋە يول بويىدىكى بومبىنى پارتلىتىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى، شەھەر مەركىزىدىكى كارادا رايونى، شەرقتىكى باغداد يېڭى رايونى قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە جايدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا پارتلاش يۈز بەردى، بۇ پارتلىتىش ۋەقەلىرىدە 65 ئادەم قازا قىلىپ، 190 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. بۇندىن باشقا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى شەھەر موسۇردىمۇ ماشىنا بومبا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئىككى ئادەم ئۆلۈپ، 40 ئادەم يارىلاندى. شۇ كۈنى خېلى بالدۇردا، ئىراقنىڭ شەرقىدىكى دىيالا ئۆلكىسى، شىمالدىكى سالاھىددىن ئۆلكىسى ۋە نىنىۋى ئۆلكىلىرىدىمۇ زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە يەتتە ئادەم قازا قىلىپ، 10 ئادەم يارىلاندى.

  19-ئىيۇل، ئىراقنىڭ شەرقىدىكى دىيالا ئۆلكىسىدە، سۈننىلەرنىڭ بىر مەسچىتىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، 24 ئادەم قازا قىلدى، 77 ئادەم يارىلاندى. شۇ جايلىق ساقچى تەرەپنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، پارتلاش چۈشتە يۈز بەرگەن، ئەينى چاغدا مەسچىت ئىچىدە جۈمە نامىزى ئوقۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئادەم كۆپ ئىكەن، شۇڭا زور ئۆلۈم يىتىم ھادىسىسى كۆرۈلگەن.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىراقتىكى زوراۋانلىق ھۇجۇم پائالىيەتلىرى كۆپلەپ يۈز بەردى، دۆلەت ئىچىدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئانچە ياخشى ئەمەس. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: دىنىي زىددىيەت بىلەن سىياسىي ئامىللار بىخەتەرلىك ۋەزىيەتنىڭ يامانلاپ كېتىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب. دىنىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، سادام ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىراقتا شىئە مەزھىپىدىكىلەر ھۆكۈم سۈردى، يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان بىر قىسىم سۈننى مەزھىپىدىكى كوللېكتىپ تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنى تەڭسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىدى دەپ قاراپ، زور كۆلەمدە نامايىش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە ساقچى تەرەپ بىلەن زوراۋانلىق توقۇنۇشى قىلدى. نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى ۋە يارىلاندى. بىراق ئىراق بىخەتەرلىك ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، سۈننىي مەزھىپىدىكى گۈللىنىش پارتىيەسى ئىچىدىكى مۇتەئەسسىپ ئۇنسۇرلار ۋە بازا تەشكىلاتى قوراللىقلىرى دۆلەت ئىچىدە زوراۋانلىق پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى مۇھىم كۈچ ئىكەن.

  سىياسىي جەھەتتە، ئىراقنىڭ يەرلىك تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراق پارلامېنت بىناسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كۆپ قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، بىخەتەرلىك قىسىم خادىملىرى كۆپ قېتىم شۇ پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىلار ئىچىدىن پارتلاتقۇچ دورىلارنى تېپىۋالغان. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تېررورلۇق ھۇجۇم پائالىيەتلىرىگە بەزى پارلامېنت ئەزالىرىمۇ چېتىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ مەقسىتى دەل قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ، ئاخىرىدا ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش، ئاندىن توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش ئىكەن. بۇندىن باشقا، بەزى تەھلىلچىلەر يەنە مۇنداق دېدى، ئىراقتىكى ھەرقايسى مەزھەپلەر مەنپەئەت توقۇنۇشى قىلىش جەريانىدا ئالاقىدار قانۇن نىزاملارنى تۈزۈشكە سەل قارىغان، شۇنىڭ بىلەن تېررورچىلار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە