باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى داڭلىق مۇزىكانتلار ئالتۇن ساھىلدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك مۇزىكا بايرىمىغا يىغىلدى

2013.07.24 17:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن خوشۇت ناھىيەسى ئالتۇن ساھىل ساياھەت مەنزىرە رايونىدا تۇنجى نۆۋەتلىك ئالتۇن ساھىل ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئاتاقلىق مۇزىكانتلاردىن سۇئېردوڭ، شادىيە شامىل، مۇ جەنخوڭلار نومۇر ئورۇنلايدۇ.

  سۇ ئېردوڭ جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىدىكى داڭلىق مۇزىكانت، شۇنداقلا جۇڭگوغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 سەنئەتكارنىڭ بىرى. ئۇ شىنجاڭ ئىلىدىكى گۈزەل كۈنەس ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. شادىيە شامىل، تاتار، نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى بەزمىلەردە ئويۇن قويغان، دۆلەت ئىچى-سىرتىغا داڭلىق مۇزىكانت. مۇ جەنخوڭ بىر ئىشتىن سىرتقى ناخشىچى، دېڭ لىجۈننىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتىشقا، ئېتوت ئورۇنداش ۋە رىياسەتچىلىك قىلىشقا ماھىر.

  ئالتۇن ساھىل ساياھەت مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى، ئالتۇن ساھىل ساياھەتچىلىك شېركىتىنىڭ باش دېرىكتورى خې جىجۇڭ «بۇ قېتىم ساياھەتچىلەرنىڭ ئازادە كەيپىياتتا بۇ مۇزىكا بايرىمىدىن ھوزۇرلىنىشى ئۈچۈن، پائالىيەتتە داڭلىق مۇزىكانتلار نومۇر ئورۇندىغاندىن سىرت،كەچتە بىز يەنە قۇملۇق مۇزىكىسى گۈلخان كېچىلىكى، تىلەك چىرىغى يېقىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردۇق» دەپ تونۇشتۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، سۇ ئېردوڭ ئالتۇن ساھىل مەنزىرە رايونىغا بالدۇرراق كېلىپ، نەق مەيداندىكى رېپىتىسكە قاتنىشىدىكەن.

  مۇخبىر: جۇڭخې

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار