باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى لىۋان ئاللا پارتىيەسى قۇراللىق كۈچلىرىنى تېررورچى تەشكىلات قاتارىغا كىرگۈزدى

2013.07.24 13:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا 22-ئىيۇل قارار ماقۇللىنىپ، لىۋاندىكى ئاللا پارتىيەسى قۇراللىق كۈچلىرىنى تېررورچى تەشكىلات ئىسىملىكىگە كىرگۈزدى، بىراق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن لىۋاننىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادى مۇناسىۋىتى داۋاملىق ساقلاپ قىلىنىدۇ.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ بىر كۈن داۋاملاشقان يىغىنى 22-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىريۇسسېلدىكى باش ئورگىنىدا ئېچىلدى. تاراتقۇلار ئاشكارىلىغان قارارنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئاللا پارتىيەسى قۇراللىق كۈچلىرىنى تېررورچى تەشكىلاتلار ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، لىۋاندىكى بارلىق پارتىيەلەر بىلەن داۋاملىق سۆزلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن لىۋان ئاللا پارتىيەسىنىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىدىغانلىقى، بۇ قارارنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ لىۋانغا بېرىدىغان ئىقتىسادى ياردىمىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلقىدىن دېرەك بىرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە