خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن باشلانغان «جۇڭگو تور ئىشلىرى-تەسىرلىك 2013» 2-پەسىللىك توردىكى شەخسلەرنى باھالاش نەتىجىسى 20-ئىيۇل چىقتى. تورداشلار نەچچە يۈز مىڭ سايلاش بېلىتى ئارقىلىق ئۆزلىرىنى تەسىرلەندۈرگەن 10 نەپەر (گۇرۇپپا) ئاددىي قەھرىماننى تاللاپ چىقتى.
سۈرەتتە: «مېھىرلىك كىتاپ يايمىسى» ئىززەت راخمان. بۇ يىل 45 ياشلىق ئىززەت راخمان سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىلى 10 يىل بولدى، بىراق ئۇ ئۈرۈمچىدە ئۆتكەن-كەچكەنگە ھەقسىز ئوقۇشلۇق بىلەن تەمىنلەيدىغان تۇنجى «مېھىرلىك كىتاب يايمىسى» ئاچتى. كىچىككىنە كىتاب يايمىسى ۋىجدان ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن يۇغۇرۇلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھاياتلا بولسام، ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمەن».
مەنبە: خەلق تورى