باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سانجى ئوبلاستىدىكى 198 ئىش ئورنىغا 460 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدۇ

2013.07.23 17:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ سانجى ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر) ۋە ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار جەمئىيەتتىن ئاشكارا 460 نەپەر خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى %80كە يېقىن خىزمەت ئورنىغا شىنجاڭ ئىچىدىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدۇ. 7-ئاينىڭ 30-كۈنى توردا تىزىملىتىش باشلىنىدۇ، تىزىملىتىش 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاياغلىشىدۇ.

  بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا فۇكاڭ شەھىرىدىكى كەسپىي ئورۇنلارغا قوبۇل قىلىدىغان شىتات ئەڭ كۆپ بولۇپ، 64 كەسپىي ئورۇنغا 119 ئادەم قوبۇل قىلىنىدۇ؛ چىتەي ناھىيەسىدىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىگە سانجى نوپۇس تەۋەلىكى ياكى چىتەي ناھىيەسىنىڭ نوپۇس تەۋەلىكىدىن بولۇش كېرەك،دەپ شەرت قويۇلغان، 21 كەسپىي ئورۇنغا 72 ئادەم قوبۇل قىلىنىدۇ، چىتەي ناھىيەلىك بالىلار باغچىسى يەسلى ئوقۇتقۇچىلىق ئورنىغا جەمئىي 6 ئادەم قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، قوبۇل قىلىش سانى ئەڭ كۆپ ھېسابلىنىدۇ؛ سانجى ئوبلاستىدىكى 18 كەسپىي ئورۇنغا 71 ئادەم، سانجى شەھىرىدىكى 23 ئورۇنغا جەمئىي 61 ئادەم قوبۇل قىلىنىدۇ، قالغان ناھىيەلەرگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا مورى ناھىيەسىگە 13 ئادەم، جىمسار ناھىيەسىگە 52 ئادەم، قۇتۇبى ناھىيەسىگە 43 ئادەم، ماناس ناھىيەسىگە 29 ئادەم قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا 198 ئورۇن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 153 ئورۇنغا شىنجاڭ نوپۇس تەۋەلىكىدىن جەمئىي 166 ئادەم قوبۇل قىلىدۇ، يەنە ئاز بىر قىسىم ئورۇنلارغا پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ.

  8-ئاينىڭ 31-كۈنى يېزىقچە ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، 9-ئاينىڭ 5-كۈنى يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ. كەسپىي ئورۇنلار تىزىملىكى ۋە تىزىملىتىش شەرتلىرىنىڭ كونكرېت مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز سانجى ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى تور بېكىتى (www.cjrs.gov.cn) دىن كۆرۈڭ. (مۇخبىر: فەن چۇڭيەن؛ شۈ چيەن)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار