باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئىككى ياشلىق قىزچاقنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى 152 بولۇپ، تالانت جەھەتتە ئېينىشتىيىنغا يېتىدىكەن(1)

2013.08.01 08:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مېنساخ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدار كۇلۇبىنىڭ ئەڭ كىچىك قىز ئەزاسى

  ئەنگىلىيىلىك ئەر-ئايال مادىن بىلەن لۇسىنىڭ قىزى جوجىيا ئىككى ياشتىلا ساناق ساناشنى، رەڭلەرنى تونۇشنى، ھەتتا فرانسۇز تىلىنى سۆزلەشكە باشلىغان. يېقىندىن بۇيان قىزىنىڭ تېخىمۇ ئەقىللىقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال قىزىنىڭ ئەقلىي-ئىقتىدار دەرىجىسىنى بىلىش ئۈچۈن مۇتەخەسىسكە ئاپىرىپ ئۆلچەتكەندە، ئەقلىي ئىقتىدارى ئويلىمىغان يەردىن 152 چىققان، بۇ ئەر-ئايالنى ھەيران قالدۇرغان. ئەنگىلىيىك فىزىكا ئالىمى خوككىننىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى 140، ئېينىشتىيىننىڭكى 160 ئەتراپىدا ئىدى. جوجىيانىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئىككى ياشتىلا 152 بولۇپ، ئېينىشتىيىنغا ئازلا قالغان. ھازىر ئىككى ياشلىق جوجىيا، 51ياشلىق دادىىسى مادىن، 44 ياشلىق ئانىسى لۇسى ۋە تۆت ئاكا-ھەدىسى بىلەن ئەنگىلىيەدە ياشاۋاتىدۇ، ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، نورمال ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار سەۋىيىسى 100 بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارى 152يەتكەن جوجىيا ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلىدىغان تالانت ئىگىسى دائىرىسىگە تەۋە بولغان. بالىلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئەنگىلىيىلىك مۇتەخەسىسنىڭ دېيىشىچە، جوجىيا بۇ ئۆمرىدە ئۇچراتقان ئەڭ تالانتلىق قىز بالا ئىكەن.

  جوجىيانىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ دېيىشىچە، قىزى ھەرقانداق نەرسىنى ناھايىتى تېزلا ئۆگىنىۋالىدىكەن. 5 ئايدىلا ئۆمىلەپ، توققۇز ئايدىلا مېڭىپتىكەن. 14ئاي بولغاندا، ئۆزىنىڭ كىيىمىنى ئۆزى كىيىپتىكەن. ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرىدىكەن، بەزىدە تېخى ئۆزىVCDپلاستىنكىسى قويۇپ فىلىم كۆرىدىكەن. جوجىيانىڭ تىلى بالدۇر چىققان بولۇپ، 18ئاي بولغاندا، باشقىلار بىلەن نورمال سۆھبەت ئېلىپ بارالايدىغان بولغان. دائىم باشقىلارغا:«مېنىڭ ئىسمىم جوجىيا، بۇيىل بىر ياشقا كىردىم» دەيدىكەن. ئۇ ھەرۋاقىت ئۆزىنىڭ ئايىقىنى ئۆزى كىيىدىكەن، ئوڭ-سول ئايىقىنى ھەرگىزمۇ ئالماشتۇرۇپ قويمايدىكەن. جوجىيانىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىمۇ كىشىنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرىدىكەن. بىر قېتىم مادىن ئەر-ئايال قىزى بىلەن بىللە كىنوخانىغا بېرىپ «گۈزەل قىز ۋە مەخلۇق»دېگەن كىنونى كۆرۈپتۇ، كىنودىن چىققاندا جوجىيا ئاتا-ئانىسغا قاراپ ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن: مەن جاستۇننى ياخشى كۆرمەيمەن(كىنودىكى سەلبىي پېرسوناژ)، چۈنكى ئۇ بەك رەزىل ۋە ھاكاۋۇر ئىكەن، دېگەن.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل