خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان شىنجاڭ يوپۇرغا ناھىيىسىدە بىر گۇرۇپپا ياش پىدائىيلار ئەتىرىتى جانلىنىپ كەتتى. ئۇلار سازلىرىنى ياڭرىتىپ، ناخشا-ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق قىزغىن ياشلىقىنى يوپۇرغىنىڭ ھەرقايسى يېزا كەنتلىرىدە قالدۇردى.
شىنجاڭنىڭ ئىچى سىرتىدا ئوقۇۋاتقان يوپۇرغىلىق ئوقۇغۇچىلار يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئارقىمۇ-ئارقا يۇرتىغا قايتىپ كەلدى. ھەممە يەردە كىيىنىشى مودا، ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. يوپۇرغا ناھىيىسى قانات يايدۇرغان ۋەزىيەتنى سۆزلەش، سىياسەتنى يەتكۈزۈش تەشۋىقات پائالىيىتىگە ئوقۇغۇچىلار ئارقىمۇ-ئارقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ بىۋاستە ھېس تۇيغۇلىرى بىلەن يۇرتىدىكى چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلدى.
مەنبە: خەلق تورى