ئامېرىكىلىق بىر ئايال دېڭىزدا سۇ ئۈزۈۋاتقاندا مۇشتى بىلەن بىر لەھەڭنى ئۇرۇپ قاچۇرۇۋەتكەن
2013.08.01 08:25 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شياڭگاڭ «ۋېنخۈي گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيچۈەن گۇمپىسىنىڭ قارا بەلباغ دەرىجىسى ( بۇ گۇمپا تەخمىنەن 10 دەرىجىگە بۆلىنىدىغان بولۇپ، قارا بەلباغ يۇقىرى دەرىجىلىك سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ)دىكى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى بىر ياپۇنىيەلىك ئايال دېڭىزدا سۇ ئۈزۈۋاتقاندا بىر لەھەڭنى ئۇرۇپ قاچۇرۇۋەتكەن.
مارىكو ۋە ئۇنىڭ يولدىشى ھاۋايغا دەم ئېلىشقا بېرىپ، دېڭىزدا سۇ ئۈزۈۋاتقاندا ئۈچ مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر لەھەڭگە ئۇچراپ قالغان، جىددىي ئەھۋال ئاستىدا، ئۇ ئۇزۇن يىل مەشىق قىلغان گۇمپىسىنى ئىشقا سېلىپ، لەھەڭنىڭ بۇرنىغا ئۇرۇپ، ئۇنى چېكىندۈرۈپ، ئۈلۈم گىرداۋىدىن قۇتۇلۇپ قالغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل