باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى يۈەنچاۋ 3-نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشقا كەلگەن چەتئەل رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2013.09.03 15:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى يۈەنچاۋ تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدە، 3-نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشقا كەلگەن قىرغىزىستان زۇڭلىسى سېتىۋالدىيېف، تاجكىستاننىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلىسى دۆۋلەتوف، موڭغۇلىيە دۆلەت بۈيۈك خۇلارىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۇنجىگ.دورجى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققيات پىلان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى كېراك بىلەن كۆرۈشتى.

  لى يۈەنچاۋ سېتىۋالدىيېف بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان سىياسىي جەھەتتە ئۆز-ئارا يۈكسەك دەرىجىدە ئىشىنىدۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشدۇ، بىخەتەرلىك جەھەتتە يېقىندىن ماسلىشىدۇ. نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى مۇھىم پۇرسەتكە ئېرىشتى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيىلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ قوشنا رايونلىرىنىڭ ھەمكارلىق پىلانى پىروگراممىسىنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ چىقىشنى، چىگرا ھالقىغان چوڭ تىپتىكى قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىشنى، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئى گاز تۇرۇببىسى تۈرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكلىپ قىلىمەن.

  لى يۈەنچاۋ دۆۋلەتوف بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: بۇ يىل مايدا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-تاجىكىستان ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قارار قىلدى. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد-سودا، ئېنىرگىيە، يېزا-ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز ئارا ئالاقە ۋە تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  لى يۈەنچاۋ گۇنجىگ.دورجى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە دوست قوشنىلار ۋە ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلەر بولۇپ، ئىقتىساد-سودا جەھەتلەردە ئۆز-ئارا تولۇقلاشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك. جۇڭگو موڭغۇلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ كان ئېنىرگىيە بايلىقى، ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆز-ئارا نەپ يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدىغا ئېرىشىشنى، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  لى يۈەنچاۋ كىراك بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋاملىق قوللايدۇ، خەلقئارا تەرەققىيات مۇساپىسىغا داۋاملىق قاتنىشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىدۇ. شۇ كۈنى لى يۈەنچاۋ يەنە نېپالنىڭ سابىق پارلامېنت باشلىقى نىمۋاڭ بىلەن كۆرۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل