باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئېچىۋېتىش، ئۆزئارا ئىشىنىش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات پەللىسىگە چىقايلى

2013.09.03 09:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3–نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز
  سېنتەبىر ئۈرۈمچىنىڭ مول ھوسۇل پەسلى. مانا مۇشۇنداق ھەممە يەر شاد خۇراملىققا چۆمگەن مەزگىلدە، 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى بۈگۈن داغدۇغىلىق باشلاندى. بىز بۇ كاتتا كۆرگەزمىنىڭ باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!

  ھەش – پەش دېگۈچە جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىككى نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى 19 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ تەجرىبىسىنى مۇجەسسەملەش ئارقىلىق، تۇنجى قەدەمنى باشلىدى، 2 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى مۇتەخەسسىسلەر ۋە كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەرنىڭ تەكلىپ – پىكرىنى كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇكەممەللەشتى ۋە دەرىجىسى ئۆستى. 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، كىشىلەر يېڭى ۋەزىيەتتە كۆرگەزمە كۆرۈش دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كېڭەيگەنلىكى، پىلانلاش، تەييارلىق كۆرۈشنىڭ تېخىمۇ ئىنچىكە ئىشلەنگەنلىكى، ‹‹ئېچىۋېتىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش›› باش تېمىسىنىڭ تېخىمۇ كونكرېتلاشقانلىقىنى كۆرۈۋالالايدۇ. مەيلى كۆلەم، دەرىجە جەھەتتىن بولسۇن، ياكى تەسىر كۈچى جەھەتتىن بولسۇن، 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدىن ھەر قايسى جەھەتتە ئېشىپ چۈشكۈسى.

  كاتتا كۆرگەزمە تېخىمۇ ئېچىۋېتىلىدۇ. ئېچىۋېتىش، ئۆزئارا ئىشىنىش دەرىجىسىنىڭ تەدرىجىي چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە ئاۋسترىيە، لىتۋا، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان قاتارلىق 11 دۆلەت يېڭىدىن قاتناشتى، خەلقئارا ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلارمۇ ئۆتكەن نۆۋەتتىكى 17 دىن 22گە كۆپەيدى. كۆرگەزمە كۆزلىمە نىشانغا قاراپ زور قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگونىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ھەمكارلىق ئورنىتىشىدىكى مۇھىم سەھنە ۋە مۇھىم مېخانىزمغا ئايلىنىپ، كۆپ تەرەپلىك ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى داۋامىدا، مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆرگەزمىدە شەكىللەنگەن سىياسىي، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتىكى مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچى شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى ۋە ئېچىۋېتىش قاتلىمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

  كاتتا كۆرگەزمە تېخىمۇ ئەمەلىي بولىدۇ. ئەمەلىي بولۇش بۇ يىلقى جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمىتىدە ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان سۆز. كۆرگەزمىدە ‹‹ئاددىي، ئەمەلىي›› بولۇش ئىدىيەسىگە ئاساسەن كەسىپلەشكەن مۇلازىمەت سالمىقى ئاشۇرۇلدى. مەسىلەن،كۆرگەزمە سارىيى نەق مەيدانى، يىغىن تۈرى قاتارلىق كۆپ ساھەدە، كۆپلىگەن داڭلىق شىركەت بىلەن مۇلازىمەت ھەمكارلىقى قانات يايدۇرۇلۇپ، ‹‹كەسپىي كۈچ، كەسپىي ئۆلچەم بويىچە كەسىپىي ئىشلارنى بېجىرىش، كەسىپلەشكەن سەۋىيەگە يېتىش›› نىشانىغا يېتىلدى. ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاش ئارقىلىق تەسىس قىلىنغان 11 تۈرلۈك مۇنبەر ۋە پائالىيەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش، ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇش ئاساسىي مەقسەت قىلىندى. ئەمەلىي بولۇش تەپەككۇرى كۆرگەزمىنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە، تېخىمۇ كۈچلۈك ئۇيۇشۇشچانلىققا، سىجىل، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىگە ئىگە قىلدى. كاتتا كۆرگەزمىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. كۆرگەزمىگە چوڭ كارخانىلار ئارقا – ئارقىدىن كېلىپ، چوڭ تۈرلەر بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى ماكانلاشتى، بۇ شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ‹‹داڭلىق ماركا ئۈنۈمى››، ‹‹تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى››، ‹‹تەسىر كۆرسىتىش ئۈنۈمى››نىڭ ئورتاق تەسىرىدە، شىنجاڭنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى ھەم قاتناش، يىغىن – كۆرگەزمە، مېھمانساراي، كۈتۈۋېلىش، ساياھەت، يېمەك – ئىچمەك، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

  جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى باشلىقلار دىپلوماتىيەسى، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىش قاتارلىق مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولغان قىزغىن ئۈمىدىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ئۈستىگە ئالغان.

  ساھىبخان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەممىمىز شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان ‹‹تاراتقۇ››. جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ئىش، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي، ياخشى ئىش. ھەر مىللەت تەڭرىتاغ پەرزەنتلىرى تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە ئىشەنچ بىلەن، تىرىشىپ تىنچ، كاتتا كۆرگەزمىنىڭ قاتناشقۇچىسى، ئىناق كاتتا كۆرگەزمىنى بەرپا قىلغۇچى، مەدەنىي كاتتا كۆرگەزمىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى، مەدەنىي كاتتا كۆرگەزمىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى بولۇپ، قىزغىنلىقىمىز، ئاق كۆڭۈللۈكىمىز، گۈزەللىكىمىز ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئوبرازىنى نامايان قىلايلى!

  دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشقان كاتتا كۆرگەزمىدە، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان كۆپلىگەن ھەمكارلىق كۆرۈنۈشلىرى بارلىققا كېلىدۇ. بۈگۈن بۇ تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى، بىز كۈچلۈك ئېچىۋېتىش، ئۆزئارا ئىشىنىش مۇھىتىدا، تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇق ۋە شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر