- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
3- نۆۋەتلىك ئاسىيا ـ ياۋروپا يەرمەنكىسىدە ئاقسۇ 53 تۈردە توختام ئىمزالىدى
ئومۇمىي سوممىسى 15 مىليارد 950 مىليۇن يۈەنگە يەتتى
2013.09.02 15:05
31-ئاۋغۇست، ئاقسۇ ۋىلايىتى 3- نۆۋەتلىك جۇڭگو ــ ئاسىيا ــ ياۋروپا يەرمەنكىسىنىڭ خېرىدار چاقىرىپ تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى ۋە تۈر ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئىمزالاش مۇراسىمىدا، ئاقسۇ ۋىلايىتى 53 تۈر ئىمزالاپ، ئومۇمىي سومما 15 مىليارد 950 مىليۇن يۈەنگە يەتتى، بۇ تۈرلەر نېفىت خىمىيەسى، كۆمۈر ئېلېكتىر ئېنىرگىيە مەنبەسى، يېزا ـ ئىگىلىك قوشۇمچە كەسپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كان بايلىقى، ساياھەت، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق كەسپىي ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل