- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئوباما سۇرىيەگە قوللانغان لايىھەنى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە قوللانسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2013.09.17 09:37 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئەنگلىيە رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 15-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 15-سېنتەبىر تېلېۋىزىيە زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىراننىڭ پىرېزىدېنتى روھانى بىلەن كۆپ قېتىم خەت-ئالاقە ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلغانغا ئوخشاشلا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگىمۇ «ئاۋۋال قەلەم، كېيىن ئەلەم» بىلەن ھەل قىلىش ئەندىزىسىنى قوللىنىشقا بولىدۇ.
ئىگىلىنىشچە 15-سېنتەبىر ئوباما ئامېرىكا رادىئو شىركىتى (ABC) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىراننىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن پىرېزىدېنتى روھانى بىلەن كۆپ قېتىم خەت-ئالاقە ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئوباما گەرچە كونكرېت ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئامېرىكا «ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى يامان غەرىزى» دىن ئەندىشە قىلىدۇ، بۇ سۇرىيەنىڭ خىمىيىلىك قورال مەسىلىسىدىنمۇ زور مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.
ئوباما مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىران ئامېرىكا سۇرىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوللانماي تۇرۇپ ھەرگىزمۇ ئىراننىڭ يادرو تۈرىنى يولغا قويۇشىغا ھەربىي زەربە بەرمەيدۇ دەپ قارىماسلىقى لازىم. ئۇ يەنە: ئۇلار ئامېرىكا ھەرگىزمۇ سۇرىيەگە ھەربىي زەربە بەرمەي تۇرۇپ ئىرانغا چېقىلمايدۇ دەپ يەكۈن چىقارماي، دىپلوماتىيە ئۇسۇلى بىلەنمۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىشى لازىم.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل