- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


31 ئۆلكىنىڭ 8-ئايدىكى ئاھالە ئىستېمالى باھا كۆرسەتكۈچ تەرتىپى ئېلان قىلىندى
2013.09.17 15:48 مەنبە: خەلق تورى
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا مەملىكىتىمىزدىكى 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) نىڭ 8-ئايدىكى ئاھالە ئىستېمالى باھا كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلدى. جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ مۇخبىرى 31 ئۆلكە ئىچىدىكى 18 ئۆلكىنىڭ ئاھالە ئىستېمالى باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ مەملىكەت سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى، ئۇنىڭ ئىچىدە شىزاڭنىڭ 8-ئايدىكى ئاھالە ئىستېمالى باھا كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.4 ئېشىپ، ئېشىشش نىسبىتى ئەڭ زور بولغان؛ لياۋنىڭ ۋە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىرىدە %1.4 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مال باھاسىنىڭ ئېشىشى «1 پىرسەنتلىك ئېشىش» دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان ئىككى رايون بولۇپ قالغان.
18 ئۆلكىنىڭ 8-ئايدىكى ئاھالە ئىستېمالى باھا كۆرسەتكۈچى پۈتۈن مەملىكەت سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق كۆرسەتكۈچتە كۆرسىتىلىشىچە، چوقچايما ئامىلنىڭ تۆۋەنلىشى تەسىرىدە، 8-ئايدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاھالە ئىستېمالى باھا كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.6 ئېشىپ، 7-ئايدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئىنتى تۆۋەنلىگەن.
جۇڭگو ئاخبارات تورى مۇخبىرى مۇنۇلارنى بايقىدى: پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %2.6لىك ئېشىش نىسبىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شىزاڭ، شىنجاڭ، يۈننەن، ئىچكى موڭغۇل، گەنسۇ، چىڭخەي، چۇڭچىڭ، خېنەن، خۇنەن، خەينەن، شەنشى، خۇبېي، سەنشى، جىلىن، سىچۈەن، نىڭشيا، بېيجىڭ، گۇيجۇدىن ئىبارەت 18 ئۆلكىنىڭ 8-ئايدىكى ئاھالە ئىستېمالى باھا كۆرسەتكۈچى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن.
31 ئۆلكە ئىچىدە، شىزاڭنىڭ 8-ئايدىكى ئاھالە ئىستېمالى باھا كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.4 ئېشىپ، مەملىكىتىمىزدىكى مال باھاسى «٪4 لىك ئېشىش» دەۋرىگە كىرگەن بىردىنبىر رايون بولۇپ قالغان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر