باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭگاڭنىڭ باش مەمۇرى: باش مەمۇرلۇق ئومۇمىي سايلىمى ئەنگلىيەنىڭ «قوللىشى»غا مۇھتاج ئەمەس

2013.09.16 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لياڭ جېنيىڭ 15-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرىنى سايلاش ئومۇمىي سايلىمى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ئەنگلىيە ھەمدە باشقا ھەرقانداق چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، شياڭگاڭ ئەنگلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج ئەمەس. ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئارىلىشىشى قەتئىي ھاجەتسىز.

  يېقىندا، ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋە فېدېراتسىيە ئىشىلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى شياڭگاڭ گېزىتىگە ماقالە يېزىپ،شياڭگاڭدىكى ئومۇمىي سايلامنى ھەرقانداق شەكىلدە قوللاشقا ھەرۋاقىت تەييارمىز، دېدى. بۇ گەپ شياڭگاڭدا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى. ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتى مەمۇرىيەت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لىنجېڭ يۆئې 14-چېسلامۇنداق دېدى: چەت ئەل ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي سايلامنى ھەر قانداق شەكىلدە قوللىشى ھاجەتسىز.

  15-چېسلا، لياڭ جېنيىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: 2017-يىلىدىكى باش مەمۇر سايلاش ئومۇمىي سايلىمىۋە باشقا ھەرقانداق سىياسىي ئىسلاھات مەسىلىلىرى ئۈستىدە، شياڭگاڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ھەر قانداق چەت ئەل ھۆكۈمىتىنىڭ «قوللىشى»غا مۇھتاج ئەمەس.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل