- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شەندۇڭ، لياۋنىڭ، گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالتۇن مېدال سانى جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى
2013.09.13 15:46 مەنبە: خەلق تورى
لى كېچياڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-سېنتەبىر شېنياڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 12-چېسلا شېنياڭدا يېپىلدى.
چۈشتىن كېيىن سائەت 4تە، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ خۈننەن تەنتەربىيە مەشىق بازىسىدىكى ئۇنىۋېرسال سارايدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلغانلىقىنى جاكارلىدى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مارشى «ئارمان قانىتى» نىڭ ياڭراق ساداسىدا مۇسابىقە بايرىقى ئاستا-ئاستا چۈشۈرۈلدى، 13 كۈن لاۋۇلداپ كۆيگەن مۇسابىقە مۇقەددەس ئوتى ئاستا-ئاستا ئۆچۈرۈلدى.
ئالتۇن مېدال سانى جەھەتتە شەندۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 65 ئالتۇن مېدال بىلەن 1-ئورۇننى، ساھىبخان لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 56 ئالتۇن مېدال بىلەن ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلىدى، گۇاڭدۇڭ، شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 3-، 4-ئورۇندا تۇردى، ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى تەڭلىشىپ قېلىپ 5-ئورۇنغا ئۆتتى. (جۇ كەي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر