- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
كارزايى جۇڭگونىڭ رايون مۇقىملىقىدا مۇھىم رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى
2013.09.17 09:38 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئافغانىستان پىرېزىدېنتى كارزايى 15-سېنتەبىر مۇنداق دېدى: ئافغانىستان جۇڭگونىڭ ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش مۇساپىسىغا داۋاملىق قاتنىشىشى ھەمدە بۇ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىدا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىشىنى قارشى ئالىدۇ.
كارزايى ئىككى دۆلەتنىڭ قوشنىدارچىلىق دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە يۇقىرى باھا بەردى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى شېرىك. ئىككى دۆلەت سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئىقتىسادى جەھەتتە ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈپ ۋە ھەمكارلىشىپ كەلدى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستانە باردى كەلدىسى ناھايىتى قويۇق. ئافغانىستان ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل