دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-سېنتەبىر بېشكەكتە قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ باشلىقى يېيەنبېكوف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
شىنخۇا تورى ، بېشكەك ، 11-سېنتەبىر تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-سېنتەبىر بېشكەكتە قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ باشلىقى يېيەنبېكوف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى .
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو-قىرغىزىستان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلدى ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەرگە ۋە تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئېرىشىدۇ . جۇڭگو تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ . جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن سەمىمىي ياردەمدە بولۇشۇپ ، يېقىندىن ھەمكارلىشىپ ، قەدىمىي يىپەك يولىنى بويلاپ يېڭى دەۋر شارائىتىدىكى ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› قۇرۇپ ، ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ .
شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرىنىڭ جۇڭگو-قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئوينىغان مۇھىم رولىغا ئاكتىپ باھا بەردى ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرى ۋە دېموكراتىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ، قوشنىدارچىلىق ، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەشتە تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى .
يېيەنبېكوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى : رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ . قىرغىزىستان تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ قېتىم بەرپا قىلغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق قەدىمىنى تېزلىتىپ، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ››نى ئورتاق قۇرۇپ ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوست ئۆتۈشنى خالايدۇ . قىرغىزىستان پارلامېنتى ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىپ ، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ .
ۋاڭ خۇنىڭ ، لى جەنشۇ ، ياڭ جيېچى سۆھبەتكە قاتناشتى .