باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«خەينا»ناملىق پاراخوتتا تۇتۇپ قېلىنغان مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى ئايروپىلان بىلەن ۋەتەنگە قايتتى

2013.09.16 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

شىنخۇا تورىنىڭ 15-سېنتەبىر كورېيەنىڭ جىجۇ ئارىلىدىن بەرگەن خەۋىرى: شۇ جاي ۋاقتى 15-چېسلا سائەت 22دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو خەينەن ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ«خەينا»ناملىق پاراخوتتىكى يولۇچىلارنى ئېلىپ ماڭغان 5-ئايروپىلانى كورېيە جىجۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچتى، بۇنىڭ بىلەن پاراخوتتىكى 1100 دىن ئارتۇق يولۇچى چىجۇ ئارىلىدىن ئايرىلىپ ۋەتەنگە قايتتى.
«خەينا»ناملىق پاراخوت جۇڭگو خەينەن ئاۋىياتسىيەسى ساياھەتچىلىك پاي كونترول چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى ئالىي پاراخوت بولۇپ،13-چېسلا سائەت 16دە جىجو ئارىلىدىن ئايرىلىۋاتقاندا يەرلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىندى، پاراخوتتىكى1659 نەپەر ساياھەتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2300 دىن ئارتۇق ئادەمشۇ جايدا تۇرۇپ قالدى. خەينەن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ دەلىللىشىچە، جياڭسۇ شاگاڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى شاگاڭ كېمىچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن قانۇنىي ماجىراسى بولغانلىقتىن شاگاڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كورېيەدىكى ۋاكالەتچى شىركەت ئارقىلىق كورېيە جىجو يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان،مەزكۇر سوت مەھكىمىسى ئەرزنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن «خەينا»ناملىق پاراخوتنى تۇتۇپ قالغان. (جاڭ چىڭ، ياۋ چىلىن خەۋىرى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل