باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىقتىسادىي تەپتىشلىك ئورگىنى قۇرۇلغان 30 يىلدىن بۇيان1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن زىياننى قايتۇرۇۋالدى

2013.09.16 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتىنىڭ 15-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 15-چېسلائىقتىسادىي تەپتىشلىك ئورگىنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى ھارپىسىدا، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك مەھكىمىسى تۆۋەندىكىدەك بىر گۇرۇپپا ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلدى: 30 يىلدىن بۇيان، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك ئورگىنىنىڭكىرىمنى كۆپەيتىپ چىقىمنى تېجەش ۋە زىياننى قايتۇرۇۋېلىش سوممىسى 1 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يەتتى،قانۇنغا، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلىش ۋە جىنايى دېلو يىپ ئۇچىدىن 42مىڭنى ئۆتكۈزۈپ بەردى، 700دىن ئارتۇق قانۇن-نىزام ھەققىدىكى قانۇن چىقىرىشنى كېلىشتۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشتى.

  دۆلەت مالىيە كىرىم-چىقىمىنىڭ ھەقىقىي، قانۇنلۇق ۋە ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىنى مۇپەتتىشلىك نازارەت قىلىش ئىقتىسادىي تەپتىشلىك ئورگىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. 30 يىلدىن بۇيان، مالىيە مەبلىغى ئىشلىتىلگەنلىكى يەر مۇپەتتىشلىك نازارەت قىلىندى. ئىقتىسادىي تەپتىشلىك ئورگانلىرى مەركەز خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى قاتارلىقلارنى يىلدا بىر مۇپەتتىش قىلىشتىن باشقا، مەركەزنىڭ مۇھىم سىياسەت-تەدبىرلىرىنىڭ ئىزچىللىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىنى، زور مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى ۋە چوڭ-چوڭ ئاممىۋى ئىشلارنى چۆرىدىگەن ھالدا مەخسۇس تۈرلەر بويىچە مۇپەتتىشلىكىنى قانات يايدۇرۇپ،1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن زىياننى قايتۇرۇۋالدى. (ۋاڭ كې خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل