باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە ھۆكۈمىتى: سۇرىيە كېلىشىمگە ھۆرمەت قىلىدۇ

2013.09.17 09:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيەنىڭ ئاخبارات مىنىستىرى زۇئابى تۈنۈگۈن: سۇرىيە رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەنىڭ خىمىيىلىك قورالىغا ئالاقىدار كېلىشىمىگە ھۆرمەت قىلىدۇ. پەقەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ كېلىشىمگە قوشۇلسىلا سۇرىيە بۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ دېدى. زۇئابى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇرىيە خىمىيىلىك قورالغا ئالاقىدار بىر تىزىملىكنى تەييارلاپ بولدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرى ماقۇللانغاندىن كېيىن، سۇرىيە رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ كېلىشىمىنى يولغا قويىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: سۇرىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قورال تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ سۇرىيەدە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ئۈچۈن قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل