باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭنىڭ داشىڭ رايونىدىكى بوۋاقنى يەرگە تاشلىۋېتىش دېلوسىغا سوت ئېچىلدى

2013.09.17 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەپتىش ئورگىنى جاۋابكار خەن لېيغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى ئىلتىماس قىلدىخەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 16-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان « بوۋاقنى يەرگە تاشلىۋېتىش دېلوسى»نى سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى. ئەيىبلىگۈچى ئورگان جاۋابكار خەن لېيگە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى،خەن لېي سوتتا «ئەينى چاغدا يەرگە تاشلىغىنىمنىڭ بالا ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن» دېدى.

  بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 1-شۆبە مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىدى: 7-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 20 لەردە، جاۋابكار خەن لېي جاۋابكار لى مىڭ ھەيدىگەن ھيۇنداي ماركىلىق ئاق پىكاپقا ئولتۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونى جيۇگۇڭ بازىرى ۋۇديەن يولىنىڭ غەربىي قاسنىقىدىكى كېجى يولى ئاپتوبۇس بېكىتى يېنىدا ماشىنا توختىتىش جەريانىدا لى Ⅹ بىلەن ماجىرالىشىپ قالغان، خەن لېي لى Ⅹنى ئۇرغان، ئارقىدىن ل Ⅹنىڭ (قازا قىلغان 2 ياش 10 ئايلىق بولغان)قىزىنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ يەرگە تاشلىۋەتكەن، بالا باش سۆڭىكى زەخمىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن. لى مىڭ خەن لېينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ، ماشىنىسىنى ھەيدەپ خەن لېينى ئېلىپ نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن.تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: خەن لېينىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بويىچە سۈرۈشتۈرۈش لازىم؛ لى مىڭنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى يوشۇرۇش جىنايىتى بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. (شۈ جۈەن خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل