2-نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا «يىپەك يولى» كىيىم-كېچەك بايرىمىنىڭ شىنجاڭ ئاياللىرى «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى 11-سېنتەبىر ئۈرۈمچى دېخۇي خەلقئارا كىيىم-كېچەك شەھەرچىسىدە ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ مەيدان كۆرگەزمىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى ئوبلاستى، بايىنغۇلىن ئوبلاستى ۋە قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق رايونلاردىن تاللاپ چىققان ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، مۇڭغۇل ۋە خۇيزۇ قاتارلىق بەش مىللەتنىڭ 160 يۈرۈش ئەنئەنىۋى ۋە زامانىۋى كىيىم-كېچەكلەر كۆرگەزمە قىلىندى .
شىنجاڭ ئاياللىرى «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» شىنجاڭنىڭ مىللىي خاسلىققا ئىگە كىيىم-كېچەك ماركىسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەر مىللەت ئاياللىرىنى دەۋرگە خاس لاتاپەتلىك كىيىنىپ، ئىچكى ۋە تاشقى گۈزەللىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ھازىرقى دەۋر يېڭى ئاياللىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا شىنجاڭ ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىدۇ .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ھەمدە ئالاقىدار نازارەت، ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى، كىيىم -كېچەك بايرىمىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلار، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بولۇپ 500 دىن ئارتۇق ئادەم بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتناشتى.