باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئەنگلىيە شياڭگاڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك

2013.09.17 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي 16-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئەنگلىيەنىڭ شياڭگاڭنىڭ ئىچىكى ئىشلىرىغا يۈرگۈزگەن ھەرقانداق شەكىلدىكى ئارىلىشىشنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

  خۇڭ لېي قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋە فېدېراتسىيە ئىشىلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى سىۋايىر (hugoswire)نىڭ ماقالە يېزىپ، شياڭگاڭنىڭ سىياسىي تۈزۈم تەرەققىياتىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە قىلغان سۆزلىرى ھەققىدە مۇخبىرلارغا جاۋاب بەرگەندە شۇنداق دېدى.

  خۇڭ لېي مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە دىپلوماتىيە دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى تاراتقۇلاردا ماقالە ئېلان قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ سىياسىي تەرەققىياتى توغرىسىدا ئەيمەنمەستىن بىلجىرلىغان. جۇڭگو بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. سىياسىي تۈزۈمنىڭ تەرەققىياتى مەسىلىسى شياڭگاڭنىڭ ئىچكى ئىشى، ھەمدە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، بۇنىڭغا ھەرقانداق چەت دۆلەتنىڭ ئارىلىشىشغا يول قويۇلمايدۇ. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىمۇ ھەرقانداق تاشقى كۈچلەرنىڭ مۇداخىلىسىگە قارشى تۇرىدىغان كەسكىن مەيدانىنى بىلدۈردى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل