باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پىچان «26-ئىيۇن» زوراۋانلىق-تېررورلۇق دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم چىقىرىلدى

2013.09.13 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 12-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى پىچان ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن «26-ئىيۇن» زوراۋانلىق-تېررورلۇق دېلوسىدىكى ئەخمەتنىياز سىدىق قاتارلىق تۆت جاۋابكارغا 1-سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ ھۆكۈم چىقاردى. ئەخمەتنىياز سىدىققا تېررورلۇق تەشكىلات قۇرۇش ۋە رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، ئوت قويۇش جىنايىتى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى ۋە سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى؛ ئىبراھىم ئەلىگە تېررورلۇق تەشكىلاتقا قاتنىشىش جىنايىتى، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، ئوت قويۇش جىنايىتى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى ۋە سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى؛ ئابدۇللا ئىسراپىلغا تېررورلۇق تەشكىلاتقا قاتنىشىش جىنايىتى، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى ۋە سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى؛ ئەكرەم ئوسمانغا تېررورلۇق تەشكىلاتقا قاتنىشىش جىنايىتى، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، ئوت قويۇش جىنايىتى ئۈچۈن 25 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى ۋە سىياسىي ھوقۇقىدىن 5 يىل مەھرۇم قىلىندى؛ (ساۋ جىخېڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل