باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاغىلىق ناھىيەسىدىكى يەتتە تۈپ ياڭاق پادىشاھى يېڭى تون كىيدى(1)

2013.09.13 13:16   مەنبە: خەلق تورى

قاغىلىق ناھىيەسىدىكى يەتتە تۈپ ياڭاق پادىشاھى يېڭى تون كىيدى(1)

  قاغىلىق ناھىيەسى قەدىمىي غەربىي يۇرتتىكى ئالتە بەگلىكنىڭ ئىچىدىكى بىر بەگلىك بولۇپ،بۇ توغرىسىدا شۈەنزاڭنىڭ «بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى غەربىي يۇرت خاتىرسى» تەپسىلىي يېزىلغان. رىۋايەت قىلىنشىچە ،ياڭاق قاراقۇرۇم تاغلىرىدا ئۆسىدىغان خىسلەتلىك مېۋە بولۇپ، ھازىر قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزا سايباغ كەنتىدىكى ياڭاق توپى بۇ خىسلەتلىك مېۋىنىڭ سىماسى بولۇپ قالدى.بۇ ياڭاق توپى ھازىر «يەتتە ياڭاق پەرىسى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.ئەڭ چوڭ ئىككى تۈپى بۇيىل 1603 يىللىق تارىخقا ئىگە.قالغان بەش تۈپى 1582يىلدىن 1263يىلغىچە تارىخقا ئىگە بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدىكى چوڭىنىڭ دىئامېتىرى 1.55مېتىر،360كۇۋادىرات مېتىر يەرنى ئىگەللەيدۇ،ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 مىڭ تالدىن 13 مىڭ تالغىچە، 200كىلوگرامدىن 220كىلوگرامغىچە ياڭاق چۈشىدۇ.بۇ قەدىمىي ياڭاق توپى ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بايقالغان ئەڭ چوڭ ياڭاق توپى.قاغىلىق ناھىيەسى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ،ساياھەت مەدەنىيىتىدە كۈچلۈك ناھىيە بەرپا قىلىش ئۈچۈن،شاڭخەي شەھىرىنىڭ بەش مىليۈن يۈەن مەبلىغى بىلەن، بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يىمەك-ئىچمەك،كۆڭۈل ئېچىش، ئىكولوگىيە بىرلەشكەن قەدىمىي ياڭاقلىق ئىكولوگىيەلىك ساياھەت ئورنى بەرپا قىلىشنى باشلىغان. قاتتىقلاشتۇرۇش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، قاشالاش ئىشلىرى 12-سىنتەبىر پۈتۈپ، ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى. (چوپان يېزىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇساجان ياسىن خەۋىرى)

  بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·تۇنجى نۆۋەتلىك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى يەرمەنكىسى: ھەر تۈرلۈك مەدەنىيەت ئەسەرلىرى چۆچەكلەر دۇنياسىنى ن…
      ·قازاقىستان ساياھەت ئەمەلدارى ۋىزا يېڭى كۆرسەتمىسى توغرىسىدا سۆزلىدى، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ۋىزا قوي…
      ·لى ياڭنىڭ ئالدىنقى ئايالىغا ئەۋەتكەن ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلاندى، ئايالىنى داشقال دەپ قوپاللىق بىلەن تىل…
      ·گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەندىكى بىر ئالىي مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش كەچۈرۈم جاۋابكارلىق خې…
      ·بالىلار ئۈچۈن ساغلام مەنىۋى مەدەنىيەت مۇھىتىنى بەرپا قىلايلى 
      ·قازاقىستان ھۆكۈمىتى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرىدۇ 
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: كېلەر يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا يېشى «40 تىن تۆۋەن بولۇش» چەكلىمىسى بىك…
      ·بېيجىڭ، چىڭخۇا، فۇدەن قاتارلىق ئىچكىرىدىكى يەتتە ئۇنىۋېرسىتېت دۇنيادىكى 200 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېت ئىچ…
      ·مەملىكىتىمىزدە مائارىپتا ھەق ئېلىشنى مەخسۇس تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلىدۇ
      ·بالىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىنى بالدۇر ئۆگىنىشى ياخشى ئىشمۇ؟