باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋاشىنگتوندىكى قوراللىق ۋەقەدە 13 ئادەم ئۆلدى، ئېتىپ تاشلانغان قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلاندى

2013.09.17 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر ۋاشنگتوندىن بەرگەن خەۋىرى: شۇ جاي ۋاقتى 16-چېسلا چۈشتىن كېيىن سائەت 4لەردە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تور بېكىتىدە شۇ كۈنى ۋاشنگتون دېڭىز ئارمىيە بازىسىدىكى قوراللىق ۋەقەگە قاتناشقان دەپ گۇمانلانغان بىر قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى ھەم بۇ ئەرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. مۇشۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغانغا قەدەر، شۇ قوراللىق ئۇنسۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 ئادەم قازا قىلدى، يەنە ئاز دېگەندە 12 ئادەم يارىلاندى. نۆۋەتتە ئاز دېگەندە يەنە بىر قوراللىق ئۇنسۇر قېچىپ يۈرمەكتە.

  فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، ساقچىلار ئېتىپ تاشلىغان بۇ قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ يېنىدىن چىققان سالاھىيەت كىنىشكىسى ۋە بارماق ئىزىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، بۇ تېكساس ئىشتاتىلىق 34 ياشلىق ئەرنىڭ بۇرۇن دېڭىز ئارمىيەسىدە ياللانما ئەسكەر بولغانلىقىنى ئېنىقلىغان، لېكىن ئۇنىڭ بۇ قوراللىق ۋەقەگە قاتنىشىش مەقسىتى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. يەرلىك دائىرلەر ئاممىنى بۇ قوراللىق ئۇنسۇرغا ئالاقىدار تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ،مەزكۇر ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تېزرەك ئېنىقلاشقا ياردەم بېرىشكە چاقىرغان.

  16-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاز دېگەندە ئىككى قوراللىق ئۇنسۇر ۋاشنگتون شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بىر دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا بۆسۈپ كىرىپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى دېڭىز سىستېمىسى قوماندانلىق ئىشتابى تۇرۇشلۇق 197-بىنادا قىرغىنچىلىق قىلدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ كۈنى ئاقسارايدا بايانات ئېلان قىلىپ، «بۇ ئامېرىكا يولۇققان يەنە بىر قېتىملىق چوڭ قوراللىق ئېتىش ۋەقەسى» دېدىى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل