باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە ھاۋا تېررىتورىيەمىزگە «تاجاۋۇز» قىلغان سۇرىيەنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق، دېدى

2013.09.17 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىدا دېيىلىشىچە، تۈركىيە مۇئاۋىن مىنىستىرى 16-چېسلا سۇرىيە ھەربىي تەرەپنىڭ تىك ئۇچارىنى تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە «تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن»لىك گۇمانى بىلەن ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.

  مەلۇماتتا دېيىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بۇلەنت ئارنىك سۇرىيەنىڭ MI-17 تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 16-چېسلا چۈشتىن كېيىن سائەت 2:20 مىنۇتلار ئەتراپىدا تۈركىيەنىڭ ھاۋا تېررىتورىيەسىگە ئىككى كىلومېتىردەك «تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن»دىن كېيىن بايقىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.

  تۈركىيە ھاۋا مۇداپىئەسى قىسمى سۇرىيەنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانىغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىپ تۇرغان، بىراق سۇرىيە ئايروپىلانى تۈركىيەنىڭ «ھاۋا تېررىتورىيە»سىدىن يەنىلا چىقىپ كەتمىگەچكە، تۈركىيە ھەربىي تەرەپ ئۇرۇش ئايروپىلانى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق سۇرىيەنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن، ئايروپىلان سۇرىيە زېمىن تەۋەلىكىگە چۈشۈپ كەتكەن.



بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل